زېلېنسكىي ئالدىنقى سەپنى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىدىن كېيىن، زاپوروژۋا شەھىرىنى زىيارەت قىلىپ ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

1838417
زېلېنسكىي ئالدىنقى سەپنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي يازما باياناتىدا زاپورىژۋادا ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «سىلەرنىڭ ئۇلۇغ خىزمىتىڭلار، مۇلازىمىتىڭلار، ھەممىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى قوغدىغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى ۋە رايوندىكى بىر داۋالاش مەركىزىنىمۇ زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە قورشاۋىدىن كېيىن، مارىيۇپولدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان پۇقرالار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرىۋېتىلگەنلەرنى مۇۋاپىق ھالدا قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋەدە بەردى ۋە: «سىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭلارغا ھەقىقىي ياردەم قىلىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا رەھبىرى 29-مايدىمۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان 24 – فېۋرالدىن (2022) بۇيان تۇنجى قېتىم كىيېۋ رايونىنىڭ سىرتىدا كۆرۈنگەن بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر