سېرگېي لاۋروۋنىڭ سېربىيە زىيارىتى 3 دۆلەتنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ سېربىيە زىيارىتى، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھاۋا بوشلۇقى چەكلىمىسى قويۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1838049
سېرگېي لاۋروۋنىڭ سېربىيە زىيارىتى 3 دۆلەتنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاراتاغ، شىمالىي ماكېدونىيە ۋە بۇلغارىيە لاۋروفنىڭ ئايروپىلانىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى  سەۋەبىدىن  سېربىيە زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچنىڭ رۇسىيەنىڭ بېلگرادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندېر بوكان-خارچېنكو بىلەن ئۈچ دۆلەتنىڭ مەزكۇر قارارى توغرىسىدا كۆرۈشىدىغانلىقى ۋە كۈندۈزى خەلققە نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر