خىتاي بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك پاسپورت، خىزمەت پاسپورتى ۋە ئالاھىدە پاسپورتلار ئۈچۈن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1838547
خىتاي بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر كېلىشىمنى ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى نەزەر خەيرۇللاھ بىلەن خىتاينىڭ باغداتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي ۋېي ئىمزالاشقان.

ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە، ئىراقلىق دىپلوماتىك، مۇلازىمەت ۋە ئالاھىدە پاسپورت ئىگىلىرى خىتايغا ۋىزىسىز بارالايدىغان بولىدۇ. خىتاينىڭ ئوخشاش تۈردىكى پاسپورتقا ئىگە پۇقرالىرىمۇ ئىراققا ۋىزىسىز كېلەلەيدۇ.

باياناتتا، «بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى.


خەتكۈچ: #ئىراق , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر