بوررېل: رۇسىيە خەلقئارادا ئاشلىق يېتىشمەسلىكنىڭ جاۋابكارى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل خەلقئارا سودىدا ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ جاۋابكارىنىڭ رۇسىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1838092
بوررېل: رۇسىيە خەلقئارادا ئاشلىق يېتىشمەسلىكنىڭ جاۋابكارى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىنى قورشاشنى داۋاملاشتۇرۇشى، قوناق ۋە بۇغدايغا ئوخشاش ئاشلىقلارنىڭ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان ئۇكرائىنادا بېسىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنداقلا ئېكسپورتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. رۇسىيە خەلقئارا ئاشلىق سودىسىدىكى يېتىشمەسلىكنىڭ بىۋاستە جاۋابكارى» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، جاۋابكارلىقنى ئېمبارگولارغا دۆڭگىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، كرېمىلنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇرۇش سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر