ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سېۋېرودونېتسىكىدا «شەھەر ئۇرۇشى»نىڭ باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سېۋېرودونېتسىكىدا «شەھەر ئۇرۇشى» نىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1837603
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى سېۋېرودونېتسىكىدا «شەھەر ئۇرۇشى»نىڭ باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيەنىڭ 101 كۈن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان دونېتسىكى يۆنىلىشىدىكى فىرونتلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سانائەت شەھىرى سېۋېرودونېتسىكىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى، زەمبىرەكچى قىسىملىرىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۈشمەنگە قارشى «شەھەر ئۇرۇشى»نىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سېۋېرودونېتسىكىدىكى سىۋېرسكىي دونېتس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى رايوننى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ كۈچلۈك توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان دنېپر رايونىنىڭ سلوبوجانسكويې بازىرىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان 100 گە يېقىن رۇس ھەربىي ئۈسكۈنىسىنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دۈشمەن قوشۇنىنىڭ خاركوۋ يۆنىلىشىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان جايلارنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، خېرسون رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە رۇسىيەنىڭ بىر تانكا، بىر زەمبىرەك سىستېمىسى، ئالتە بىرونېۋىك، ئۈچ ھەربىي ئاپتومبىل، ئىككى ئورلان -10 ۋە بىر دانە تاكتىكىلىق رازۋېدكا قىلغۇچى «ئېلېرون» تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوقىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر