جو بايدىن ئېلون ماسكنىڭ ئىقتىساد توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى جو بايدىن، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسكنىڭ ئىقتىسادنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى جو بايدىن، تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسكنىڭ ئىقتىسادنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە «مەن ئۇنىڭ ئاي شارى سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دېلاۋېرگە بارغان پىرېزىدېنت جو بايدىن تۈنۈگۈن ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ، ئېلون ماسكنىڭ تېسلا رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئېلېكتىرونلۇق مەكتۇپ يوللاپ، ئىقتىساد توغرىسىدا «ھېسلىرىم ناچار» دېگەنلىكى ھەمدە شىركەتنىڭ ئەمگەك كۈچىنى %10 ئازايتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «مەن ئۇنىڭ ئاي شارى سەپىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئېلون ماسك پىرېزىدېنت جو بايدىنغا تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، «رەھمەت سىزگە پىرېزىدېنت» دەپ يېزىپ، ئاستىغا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى – ناسانىڭ SpaceX نى ئامېرىكىلىقلارنى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تاللىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى چىقىرىپ قويدى.