رۇسىيە بىلەن ب د ت ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

رۇسىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن بىلەن ب د ت نىڭ ئىنسانپەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتىن گرىفىس ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1837107
رۇسىيە بىلەن ب د ت ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى فومىن بىلەن ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتىن گرىفىسنىڭ موسكۋادا ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق يۆتكەش مەسىلىسى بويىچە كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، فومىن مۇنداق دېگەن:

«رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى پورتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلمىدى. پاراخوتلارنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن چىقىشى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىنسانىي كارىدور مارت ئېيىدىن (2022) تارتىپ ئوچۇق.»

باياناتتا، گرىفىسقا قارا دېڭىزدىكى پورتلارنى مېنادىن تازىلاش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئۇكرائىناغا ئائىت ئىكەنلىكىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ توشۇش زەنجىرلىرىگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىغا بەزى چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر