لاۋروۋ: ئېمبارگولار خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى

لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرى 24-فېۋرال(2022)باشلانغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭ، خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەلىرىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1836986
لاۋروۋ: ئېمبارگولار خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە-خىتاي چېگراسىدىكى خىتايلار «خېيلوڭجياڭ»، رۇسلار «ئامۇر» دەپ ئاتايدىغان دەريا ئەتراپىغا قۇرۇلغان، خىتاينىڭ خېيخى شەھىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ بلاگوۋېشچېنسك شەھەرلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرنېت تور يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ يېقىنلىشىشىغا ۋەسىلە بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «غەربنىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگو ئۇرۇشى، رۇسىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتتى» دېدى.

ئۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مالىيە ئاستىقۇرۇلمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەردە ئۆزلىرىنىڭ پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىشنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەردىكى مەيدانىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا تەرتىپلەرنىڭ بەلگلىنىشىدە ئۆز ئالدىغا يالغۇز ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارنى سىياسىي بېسىم ۋاستىسى قىلىپ پايدىلىنىشقا قارشى تۇرىمىز.»

ئۇ ھېچقانداق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بەدەل تۆلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە، ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا، خەلقئارالىق ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى ھەربىي قۇتۇپلارنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئۆزىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋاقتىمىزدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتقان ھالدا ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنىسپىغا تايىنىپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان بىخەتەرلىك يولىغا كىرەلەيمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر