پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىناغا ئىلغار قوراللارنى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىناغا رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1835801
پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىناغا ئىلغار قوراللارنى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىدە «ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنادا قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ئىشلىرى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ 4-ئېيىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇكرائىنا خەلقى كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى، قەيسەرلىكى ۋە ئۇرۇش سېپىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن رۇسىيەنى چۆچۈتتى، پۈتكۈل دۇنياغا ئىلھام بولدى» دېدى.

ئۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي، ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇرۇشتا نامايان قىلغان مەيدانىنى چۈشەندۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق: ئۆزىنى كېلەچەكتىكى تەھدىتلەرگە قارشى قوغدىيالايدىغان، دېموكراتىك، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە گۈللەنگەن ئۇكرائىنانى كۆرۈشنى خالايمىز. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دېگەندەك، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا دېموكراتىيەنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ ماقالىسىدە، ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغان قورال-ياراغلار بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ قولىنى سۆھبەت ئۈستىلىدە كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ سەۋەبتىن، ئۇكرائىناغا ئۇرۇش سېپىدىكى نۇقتىلارغا ئوقنى دەل تەگكۈزەلەيدىغان ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ۋە ئوق-دورىلارنى بېرىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ماقالىسىدە رۇسىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا جاۋېلىن تانكا ئاتار سىستېمىلىرى، ستىنگېر ئايروپىلان ئاتارلار، رادار سىستېمىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە «Mi-17» تىپلىق تىك ئۇچارلار قاتارلىق ئىلغار قوراللارنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ «رۇسىيەنىڭ دېموكراتىيەگە دۈمبىسىنى قىلىۋېلىشى» سەۋەبىدىن توختاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى مۇزاكىرەلەردە داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ماقالىسىدە تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى:

«بىز ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز. بىز پۇتىن بىلەن كېلىشەلمىگەن بولساقمۇ، ھەرىكەتلىرىگە ئۆكتەملىك دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئامېرىكا ئۇنى ئۆرۈۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلمەيدۇ ۋە رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشمايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ چېگرالىرىنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمايمىز ۋە ئۇنداق قىلىشىغا ياردەم قىلمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر