دانىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بەردى

دانىيە ئۇكرائىناغا 2 مىليارد كرون (تەخمىنەن 290 مىليون دوللار) قىممىتىدە ھەربىي ياردەم قىلدى.

1835209
دانىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى د ر (DR) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مورتېن بودسكوۋ (Morten Bodskov) ئۇكرائىناغا 2 مىليارد كرون قىممىتىدە قورال-ياراغ ۋە باشقا ھەربىي ئۈسكۈنىلەردىن تەركىپ تاپقان ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇكرائىناغا مەخپىي ھالدا يېڭى ھەربىي ياردەملەرنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت تور بېتىدىكى باياناتتا، ئۇكرائىناغا يۇقىرى نىسبەتتە ھەربىي ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى، مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن ياردەم مىقدارىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

شىۋېتسىيە ئىلگىرى ئۇكرائىناغا 5 مىڭ دانە «AT4» تانكا ئاتار، 5 مىڭ دانە ئوق ئۆتكۈزمەيدىغان جىلىتكە، 5 مىڭ دانە پولات قالپاق ۋە 135 مىڭ ئەسكەرگە يېتىدىغان تەييار يېمەك-ئىچمەك ئەۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر