ئارېسكۇ: بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز قارادېڭىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ

رومىنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بوگدان ئارېسكۇ، رومىنىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى مۇھىم قىرغاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1834234
ئارېسكۇ: بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز قارادېڭىز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن رۇمېنىيەنىڭ مۇھىم ئىشىنىڭ قارادېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئارېسكۇ: «بىز قارا دېڭىزدىكى ھەمكارلىقىمىز، جۇغراپىيەلىك ئورنىمىز ۋە قوشنىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئويلىشىشىمىز كېرەك، ئەمما بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز پەقەت قارادېڭىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. رومىنىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بار. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ھەجىمى 8 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى. بىز بۇنى ئاشۇرۇشقا موھتاجمىز. بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز. ئارىمىزدا ئۇلۇغۋار نىشانلار بار» دېدى.

ئۇ، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چوڭقۇرلىشىشىغا پايدىلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مېخانىزم ئورنىتىش ئىدىيەسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ «ئېنېرگىيە كارىدورى» بولۇش نۇقتىسىدىكى ئورنىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئارېسكۇ، تۈركىيە بىلەن پەقەت ئېنېرگىيە يولى توغرىسىدىلا ئەمەس، بەلكى مەنبەلەرنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇشى توغرىسىدىمۇ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇكرائىنا پۇقراسىغا ئىشىكلىرىنى ئاچقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر