ئىراندا بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

ئىراننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ ئابادان شەھىرىدىكى 10 قەۋەتلىك «مېتروپول» ناملىق بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ نەچچە ئون ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا بىر كۈنلۈك ئومۇمىي ماتەم ئېلان قىلىندى.

1834216
ئىراندا بىر كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مىنىستىرلار كېڭىشى، «مېتروپول» ناملىق بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 29 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇناسىۋىتى بۈگۈن بىر كۈنلۈك ئومۇمىي ماتەم ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلار كېڭىشى قارارنامەىسىدە، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

23- ماي ئابادان شەھىرىدىكى 10 قەۋەتلىك بىر بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 37 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر