نېپالدا 22 ئادەم ئولتۇرغان بىر ئايروپىلان غايىب بولدى
نېپالدا تارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 22 ئادەم ئولتۇرغان بىر ئايروپىلانى غايىب بولدى.
1834187

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالنىڭ ساياھەت شەھىرى پوخارادىن دۆلەتنىڭ غەربىدىكى جومسوم بازىرىغا قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كونترول مۇنارى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەن مەزكۇر ئايروپىلانىدا ئايروپىلان خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 22 كىشىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.