خەۋپسىزلىك كېڭىشى قەددافى ئائىلىسىنىڭ ساياھەت ئىجازەتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، لىۋىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى مۇئەممەر قەددافىنىڭ ئايالى سافىيە، قىزى ئائىشە ۋە ئوغلى مۇھەممەدكە ئالتە ئايلىق ساياھەت ئىجازەتنامىسى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1834193
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەسمىي تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، قەددافى جەمەتىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ ساياھەت ئىجازىتىنىڭ 1- ئىيۇندىن 30- نويابىرغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ كىشىلەر ۋە ئۇلار ساياھەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە كومىتېتىنى ساياھەتلەردىن ۋاقىپلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا يەنە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيە كومىتېتىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ ساياھەت كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 2011-يىلى 2 - ئاينىڭ 27 – كۈنى بىردەك ئاۋاز بىلەن، مۇئەممەر قەددافى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەردىن 16 كىشىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغانىدى.