لاۋروۋ: تۈركىيە سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇرالمايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1834018
لاۋروۋ: تۈركىيە سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ تۇرالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ، رۇسىيەنىڭ «‹Russia Today› تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئەرەبچە تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق كۈچلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىز بۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي دۆلەت باشلىقى ۋە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بولۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بىز سۈرىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز.»

سۈرىيەدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەسكەرلىرى، ھازىرمۇ <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىرغىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئامېرىكالىقلار ئۇ يەردە ئاتالمىش دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۆلۈنۈشنى قوللاۋاتىدۇ ۋە رايوندىكى ئىراقلىق كوردلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. بۇ شەكىلدە ئىراقلىق ۋە سۈرىيەلىك كوردلارنى بىرلەشتۈرگەن قۇرۇلمىدا كىرىزىس پەيدا قىلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئەھۋال رايوندا جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. بىز ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر