فىنلاندىيە: تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى ھەققىدە «تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1833951
فىنلاندىيە: تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو، ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئۇدا ئىككى قېتىم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىلىرىگە جىددىي قارايمىز. نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئوچۇق – ئاشكارا، بىۋاسىتە ۋە ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. دەرۋەقە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەيئەتلىرى تۈركىيەدە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. بۇ سۆھبەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا. بۇ سۆھبەتلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. بىز، تۈركىيەمۇ قوللاۋاتقان ناتونىڭ <ئوچۇق ئىشىك» سىياسىتىگە ئىشىنىمىز. «تۈركىيە (پ ك ك ۋە تېررورىزم ھەققىدە) ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان  مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ>، دەپ قارايمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بولسا، تۈركىيە بىلەن فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ پائال ۋە ئىجابىي شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ ئەنقەرە بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ، بۇ باسقۇچنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ باسقۇچنىڭ ئاخىرىدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر