بايدىن: پۇتىن پۈتكۈل ياۋروپانى ناتولاشتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىنى فىنلاندىيەگە ئوخشاش بىر تەرەپ دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرىمەن دەپ ھەممىسىنى ناتولاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

1834016
بايدىن: پۇتىن پۈتكۈل ياۋروپانى ناتولاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، پايتەخت ۋاشىنگتونغا يېقىن ئانناپولىس شەھىرىگە جايلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ۋە ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەملەر مەسىلىسىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇتىن پەقەت ئۇكرائىنانى قولغا كەلتۈرۈشنىلا ئەمەس، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە كىملىكىنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. دەرۋەقە، رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ مەكتەپلەر، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرى، دوختۇرخانىلار ۋە  مۇزېيلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبىمۇ يوقتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللاۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پۇتىن پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىنى فىنلاندىيەگە ئوخشاش بىر تەرەپ دۆلەتلەرگە ئايلاندۇرىمەن دەپ ھەممىسىنى ناتولاشتۇردى (يەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارمىقىدىكى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردى).»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر