سېنېگالدا سەھىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

سېنېگالدا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن  ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق قازا قىلغاندىن كېيىن، سەھىيە مىنىستىرى ئابدۇلايې دىيوف سار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

1833661
سېنېگالدا سەھىيە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان پىرېزىدېنت قارارنامىسىگە ئاساسەن، سەھىيە مىنىستىرى ئابدۇلايې دىيوف سارنىڭ ئورنىغا، ئاممىۋى ساغلاملىق ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ  باشلىقى مارىي خېمېسسې نگوم نىدىيايېنىڭ تەيىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالدىنقى كۈنى، تىۋاۋېن شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 بوۋاق قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر