پۇتىن: ئېمبارگولار بىكار قىلىنسا، ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئېمبارگولار بىكار قىلىنغان تەقدىردە، موسكۋانىڭ، دۇنيا ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1833446
پۇتىن: ئېمبارگولار بىكار قىلىنسا، ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى - كىرېمىل بايانات ئېلان قىلىپ، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، نورمال پاراخوتلارنىڭ قارادېڭىز ۋە ئازاك (ئازوۋ) دېڭىزىدىكى پورتلاردىن بىخەتەر چىقىشى ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى توڭلىتىپ قويۇشى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان سۆھبەت ئەسناسىدا، پۇتىننىڭ، رۇسىيەنىڭ دۇنيا بازارلىرىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە مەسىلە بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە بۇ ساھەدە باش كۆتۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىدىكى ئېگىز - پەسلىكلەر ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىكىدىكى مالىيە سىياسەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئاشلىق ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالىرى بىلەن بىرلىكتە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، پۇتىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي نىشانلارنى كۆزلەپ يولغا قويغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشى شەرتى بىلەن، رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇت ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئاشلىق كىرىزىسىنى يېڭىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر