خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى سەۋەبىدىن شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى.

1833540
خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى كۆپەيتىشنى تەكلىپ قىلغان  قارار لايىھەسى، 15 ئەزالىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلدى.

شىمالىي كورېيەگە ھەر يىلى خام نېفىت ئېكسپورتىنىڭ 1 مىليون ۋارىل ئازايتىلىپ 3 مىليون ۋارىلغا، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئېكسپورتىنىڭ 125 مىڭ ۋارىل ئازايتىلىپ 375 مىڭ ۋارىلغا تۆۋەنلىتىش نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى 13 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەردى، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىلەن ۋېتو قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەرقانداق بىر قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن، 15 ئەزانىڭ كەم دېگەندە 9 ى چوقۇم قوللاپ ئاۋاز بېرىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق 5 دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن ھېچقايسىسىنىڭ رەت قىلىپ ئاۋاز بەرمەسلىكى كېرەك.

شىمالىي كورېيەگە تاماكا ۋە تاماكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش نىشان قىلىنغان بۇ قارار لايىھەسى، يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ «مىنېرال يېقىلغۇلار، مىنېرال مايلار ۋە بۇلاردىن ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش»  نى نىشان قىلاتتى.

بۇ قارار لايىھەسى ئارقىلىق يەنە شىمالىي كورېيە ئاخبارات ئورگىنى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن خاككېر «لازارۇس گورۇھى» نىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىپ قويۇش نىشان قىلىنىۋاتاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفېلد، قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئالتە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن، يېڭى ئېمبارگولارنىڭ، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقان شىمالىي كورېيەگە ئىنسانىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، جىددىيلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىيا بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى، «دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا ئېمبارگولار ۋە شىمالىي كورېيەگە قارشى <دۈشمەنلىشىش> پوزىتسىيەسى تۇتۇش يولىنى تاللىماقتا» دەپ ئەيىبلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، يادرو پىروگراممىسى سەۋەبىدىن، شىمالىي كورېيەگە 2006 – يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر