بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن: «بىز خىتاينىڭ چوڭ كۈچ بولۇش رولىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى توختىتىشنىڭ كويىدا ئەمەس، ئەمما بىز خەلقئارا قانۇن، پىرىنسىپ ۋە ئورگانلارنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1833354
بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىي بلىنكېن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىدا، جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە قارشى نامايان قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەڭ ئېغىر دوئېل ئېلان قىلىشىغا قارشى ھوشيار تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي، ھەم خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ھەمدە ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىن بۇنى روياپقا چىقىرىش كۈچىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەت» دېدى.

ئانتونىي بلىنكېن ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشانىنى تىلغا ئېلىپ: «پىرېزىدېنت بايدىننىڭمۇ ئېيتقىنىدەك، بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ ئون يىل، كەلگۈسى ئۇزۇن يىللار بويىچە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىمىز يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىمىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قارىشىمىزنى <مەبلەغ سال، ئىتتىپاقداشلىق ئورنات ۋە رىقابەتلەش> تىن ئىبارەت ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «... بىز توقۇنۇش ياكى يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كويىدا ئەمەس، ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇلاردىن ساقلىنىش ئىرادىمىز قەتئىي. بىز خىتاينىڭ چوڭ كۈچ بولۇش رولىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى ئۇنى توختىتىشنىڭ كويىدا ئەمەس، ئەمما بىز خەلقئارا قانۇن، پىرىنسىپ ۋە ئورگانلارنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بلىنكېن، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشماقتا. بىز تەيۋەننى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايمىز. پىرېزىدېنت بايدىننىڭمۇ ئېيتقىنىدەك، ئامېرىكا <بىر خىتاي> سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر