ياۋروپا ئىتتىپاقى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى سېتىۋالىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى (monkeypox) غا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1832867
ياۋروپا ئىتتىپاقى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرى كارولىنا دارىياس بايانات ئېلان قىلىپ، دانىيەنىڭ باۋارىيان نوردىك (Bavarian Nordic) شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، ياۋروپا دورا ئاگېنتلىقى تەستىقلىغان مايمۇن چېچىكى ۋاكسىناسى ئىمۋانېكس (Imvanex) نىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىغا قارشى سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر ۋاكسىنانىڭ قايسى ياش گۇرۇپپىسى ۋە بېمارلارغا ئەملىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئىسپانىيە ياۋروپادا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيەدە 59 كىشى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر