تېھران گىرېتسىيەنىڭ ئىران نېفىت پاراخوتىنى توختىتىپ قويۇشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تېھران، گىرېتسىيەنىڭ ئىران نېفىت پاراخوتىنى توختىتىپ قويۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، گرېتسىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋەكىلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

1832850
تېھران گىرېتسىيەنىڭ ئىران نېفىت پاراخوتىنى توختىتىپ قويۇشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تېھراننىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغان گىرېك دىپلوماتقا ئىران نېفىت پاراخوتىنىڭ تۇختىتىپ قويۇشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز بېسىمىغا تەسلىم بولغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن باياناتتا: «ئىران بايرىقى قادالغان بىر پاراخوتتىكى يۈكنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پاراخوتنى قانۇنسىز توختىتىپ قويغۇچىلارنىڭ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان خەلقئارالىق باندىتلىق قىلمىشىدۇر... ئىران قانۇنىي ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ۋە قاتناش ساھەسىدىكى خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىران پورتلار ۋە دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقان ئىران پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىپ، يۈكلەنگەن نېفىتنىڭ ئامېرىكانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان بىر تەرەپلىمە جازالار دائىرىسىدە تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت سېتىشىنى «قانۇنسىز» دەپ قاراپ، ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئىران پاراخوتلىرى ئېلىپ ماڭغان نېفىتنى مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر