مېكسىكادا بىر ئاپتوبۇسنىڭ تاغدىن غۇلاپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن 6 كۆچمەن قازا قىلدى
مېكسىكادا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ تاغدىن غۇلاپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە 6 كۆچمەن قازا قىلىپ، 15 كۆچمەن يارىلاندى.
1832763
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سان لۇيىس پوتوسى شەھىرىگە قاراشلىق مېكسىكا دې كارمونا يولىدا كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويغان بىر ئاپتوبۇس تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن. ھادىسىدە 4 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 6 كۆچمەن قازا قىلىپ، 15 كۆچمەن يارىلانغان.
ئاپتوبۇستىكى كىشىلەرنىڭ گوندۇراس، سالۋادور ۋە كۇبا پۇقرالىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يارىدارلار رايوندىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلاندى.