كۇلېبا تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا، دۆلىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « تۈركىيە (بۇ جەھەتتە) ئەڭ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى» دېدى.

1833076
كۇلېبا تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمېترو كۇلېبا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى (WEF) باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئۇ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرۈش رولىغا قانداق قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈركىيە ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى مۇرەسسەلەشتۈرۈش رولىنى  ئويناش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. تۈركىيە (بۇ جەھەتتە) ئەڭ كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇچرىشىشىمۇ سۆھبەتلەر مۇساپىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى تەشكىل قىلدى» دېدى.

كۇلېبا، ئىستانبۇلدىكى يىغىندىن كېيىن سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قاچان كۆرۈشكەنلىكىنىمۇ ئەسلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ داۋاملىق «ئۇكرائىنا دىپلوماتىيەگە موھتاج ئەمەس، ئۇكرائىنا بىز بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمايدۇ» دېگەندەك باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كۇلېبا، «بۇ بىر بۇرمىلاش ھەرىكىتىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ خېرسون ۋە زاپوروجيان رايونى ئاھالىلىرىنى رۇسىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش قارارىغا ئىمزا قويغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئەگەر ياخشى نىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىڭىز بولسا، بۇنداق ئىشلارنى قىلمايسىز. ئىش مۇشۇنچىلىك ئاددىي» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر