فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇچا ۋە ئىرپىن شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلدى

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن (Sanna Marin) رۇسىيە باشلىغان ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ ئەتراپىدىكى بۇچا ۋە ئىرپىن شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلدى.

1833170
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ئۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇچا ۋە ئىرپىن شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرپىن شەھەرلىك پارلامېنتى فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىننىڭ شەھەرنى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ساننا مارىننىڭ يەرلىك مەسئۇللار بىلەن شەھەر قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن قىلىشقا ياردەم قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىيېۋ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇچا ۋە ئىرپىن شەھەرلىرى رۇسىيە باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىزلىرىنىڭ بار بولۇشى بىلەن دىققەت قوزغىماقتا.

بۇچا شەھىرىنى رۇسىيە ئىشغالىيەتچى قىسىملىرىدىن 1-ئاپرېل (2022) ئازاد قىلغان ئۇكرائىنا ئارمىيەسى، بىنالىرى ۋەيران بولغان، كوچىلىرى جەسەتلەرگە تولغان شەھەرگە ئاياق باسقان ئىدى. كىيېۋ ئەتراپىدا ئازاد قىلىنغان تۇرالغۇ رايونلىرىدىن 410 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر