ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 100، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي 29 مىڭ 450 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1832386
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24 - فېۋرالدىن 25 - مايغىچە بولغان جەرياندىكى تالاپەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى؛ بايانات كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 100 ئەسكەر، 1 ئايروپىلان، 11 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 3 تانكا ۋە 19 برونېۋىك ئاپتوموبىلىدىن؛ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان بولسا، جەمئىي 29 مىڭ 450 ئەسكەر، 206 ئايروپىلان، 170 تىك ئۇچار، 1305 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 2218 ماشىنا، 13 پاراخوت، يېنىك تىپلىق تېز سۈرئەتلىك كېمە ۋە 491 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا،  رۇسىيە قويۇپ بەرگەن 112 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا 1335 رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر