مۇھەممەد باقىر كالىباف ئىران پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى

تېھران پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد باقىر كالىباف ئىران پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.

1832124
مۇھەممەد باقىر كالىباف ئىران پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە 11-نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئۈچۈن پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن.  

سايلامدا كونسىرۋاتىپلارغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان كالىبافتىن باشقا يەنە، تېھران پارلامېنت ئەزاسى مۇرتازا ئاغا تېھرانى، كازىرۇن پارلامېنت ئەزاسى فېرىدۇن ئابباسى ۋە تېھران پارلامېنت ئەزاسى ئىلياس نادىرىمۇ نامزات بولغان.

كالىباف 290 ئورۇندۇقلۇق ئىران پارلامېنتىدىكى سايلامغا قاتناشقان 281 پارلامېنت ئەزاسىدىن 194 ىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغان.

تېھرانى 53  ئاۋازغا، نادىرى 21 ئاۋازغا، ئابباسى 3  ئاۋازغا ئېرىشكەن. 10 بېلەت ئىناۋەتسىز ھېسابلانغان.

ئىراندا ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە پارلامېنتىنىڭ رەئىسلىك سايلىمى بولسا، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر