بلىنكېن پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «جەنۇبىي كاۋكازنىڭ تىنچلىققا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىجابىي كەيپىيات» ھەققىدە سۆزلەشتى.

1832165
بلىنكېن پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتونىي بلىنكېن بىلەن نىكول پاشىنياننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلغان مىنىستىر بلىنكېن، ۋاشىنگتوننىڭ جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىجابىي كەيپىياتتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭمۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر