ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مىنامىيوت ھۇجۇمىدا 1 كىشى قازا قىلدى
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 1 كىشى قازا قىلىپ، 5 كىشى يارىلاندى.
1831397

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتىگە تەۋە بىخەتەرلىك ئاخبارات تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى دىيالانىڭ ئىسلاخ يېزىسىغا مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان.
مىناميوت ئوقى 2 ئۆيگە چۈشۈپ، بىر ئائىلىدىن 1 كىشى قازا قىلغان ۋە 5 كىشى يارىلانغان.
باياناتتا، يېزىلاردا دائېش تېررورچىلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى ۋە رايوندا دائېش ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.