ئۇكرائىنادا تۇنجى قېتىم بىر رۇس ئەسكىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئۇكرائىنادىكى بىر سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان تۇنجى رۇس ئەسكىرى ۋادىم شىشىمارىن ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1831084
ئۇكرائىنادا تۇنجى قېتىم بىر رۇس ئەسكىرى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كىيېۋدىكى سولومېنسكىي سوت مەھكىمىسى، 21 ياشلىق رۇس ئەسكىرى شىشىمارىننى ئۇكرائىنانىڭ سۇمى رايونىدا بىر پۇقرانى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ھۆكۈمنامىدا، شىشىمارىننىڭ «قەستەن قاتىللىق قىلغانلىقى» قەيت قىلىندى ۋە «جاۋابكارنىڭ جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقىنىڭ تولۇق ئىسپاتلانغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«شىشىمارىننىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ھېچقانداق خەۋپ يەتكۈزمىگەن بىر پۇقرانى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانىڭ سۇمى رايونىغا كىرگەن ۋادىم شىشىمارىن، 28-فېۋرال چۇپاخوۋكا بازىرىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قورال-ياراغسىز 62 ياشلىق ئالېكساندىر شېپىلوۋنى بېشىغا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىدى.

كېيىن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان شىشىمارىن ھەققىدە <قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ماتېرىيال تۇرغۇزۇلغانلىقى> بىلدۈرۈلگەنىدى.

سولومېنسكىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 5 -ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان رۇسىيە ئەسكىرى ۋادىم شىشىمارىنغا مۇناسىۋەتلىك سوتى، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا جەڭ ئېلان قىلغاندىن بۇيان رۇس ئەسكىرى توغرىسىدا ئېچىلغان تۇنجى سوت» بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر