ئىتالىيەنىڭ ئېتنا يانار تېغى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاكتىپ يانار تاغلارنىڭ بىرى بولغان ئىتالىيەنىڭ سىسىلىيا ئارىلىدىكى ئېتنا يانار تېغى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
1830358
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يانار تاغدىن چىققان ئىسلار قانچىلىغان مېتىر ئېگىزلىككە يەتتى. تاغ باغرىدىن لاۋالارنىڭ ئېقىۋاتقانلىقى كۆرۈندى.
ئېگىزلىكى 3 مىڭ 330 مېتىر كېلىدىغان ئېتنا يانار تېغى، ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ ئاكتىپ يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ.
يىلدا بىر قانچە قېتىم ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ئېتنا يانار تېغىنىڭ كىشىلەرگە زىيان سېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.
بۇ يانار تاغنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ پارتىلىشى 1992-يىلى يۈز بەرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

كولۇمبىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
كولۇمبىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا مۇنبەر قىسمەن ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.