ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1830236
ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، دىراگى بىلەن زېلېنسكىينىڭ سۆھبىتىدە ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «دىراگىنىڭ سۆھبىتىدە (24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان روسىيەگە قارىتا) 6 – ئېمباگو پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىغا بولغان ئېھتىياج، پورتلاردىكى قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ زورۈرلىكى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولىشىنى ئىتالىيەنىڭ تولۇق قوللايدىغانلىقى تەكىتلەندى» دېيىلدى.

زېلېنسكىيمۇ دىراگى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر تۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، 6 – ئېمباگو پىلانىنىڭ يۈرۈشلۈكىنى تېزلىتىش ۋە ئۇكرائىنا پورتىدىكى قامالنى بىكار قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق يولىدا ئىتالىيەنىڭ ئۇكرائىنانى شەرتسىز قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر