ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا چېگرا قوبۇل قىلىنغان رايوندا «بىر تەرەپلىمىلىك تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1830095
ياپونىيە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو، كيوتو شەھىرىدە ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا «بىر تەرەپلىمىلىك تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پائالىيىتى» ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ چېگرا لىنىيەلىرى بېكىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ بۇ جايدا <بىر تەرەپلىمىلىك تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پائالىيىتى> ئېلىپ بېرىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن  ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا، «ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا لىنىيەسى» قىلىپ بېكىتىلگەن رايون ئەتراپلىرىدا «بىر تەرەپلىمىلىك تەبىئىي گاز بۇرغىلاش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە ئىشلىرى باش دىرېكتورى فۇناكوشى تاكېخىرو، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى، 2008-يىلدىكى بىرلەشمە پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمگە ئاساسەن قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ياپونىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى، 2008-يىلى مەزكۇر دېڭىز لىنىيەسى رايونىدا، بىرلەشمە تەبىئىي گاز لايىھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەت 2010-يىلى توختىتىلغانىدى.

بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ساھىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر دېڭىز لىنىيەسى، توكيو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «چېگرا لىنىيەسى» دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ، چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن تېخىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر