ناتو: فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەگە بېرىلىدىغان كاپالەت 5-ماددىغا ئوخشىمايدۇ

ناتو ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى روب باۋا (Rob Bauer) ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەگە، ئەزا بولغىچە بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنىڭ، ناتو شەرتنامىسىنىڭ 5-ماددىسى بويىچە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1829530
ناتو: فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەگە بېرىلىدىغان كاپالەت 5-ماددىغا ئوخشىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ياشار گۈلەر قاتناشقان ناتو ئارمىيە ئىشتابى باشلىقلىرى يىغىنى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە ئېچىلدى.

ناتو ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى روب باۋا ۋە ناتو ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى تود ۋولتېرز (Tod Wolters) مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

روب باۋا ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەگە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىلىپ-بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا، ئەزالىققا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن 30 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن تەستىقلىشى كېرەكلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «بۇ جەرياندا ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنىڭ بولۇشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ كاپالەتلەر 5-ماددىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت تېخى ناتوغا ئەزا بولمىدى. ھەممىمىز بىلگەندەك، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەگە بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى بېرىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان دۆلەتلەر بار» دېدى.

ئۇ يىغىندا 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتابى باشلىقى ۋولېرىي زالۇژنىينىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ قوماندانلىرىغا ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاداققىچە ئۇرۇشۇش ئىرادىسىنى تەقدىرلەيمىز. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. ناتومۇ ئۇكرائىنانىڭ تەلەپلىرى بويىچە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر