كولومبىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك ماركۇز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كولومبىيە پىرېزىدېنتى ئىۋان دۇك ماركۇز، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 20 – 22 – ماي كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
زىيارەت داۋامىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – كولومبىيە مۇناسىۋەتلىرى كەڭ دائىرىلىك كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ھەمدە ھەمكارلىقنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
زىيارەت دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ كۈنتەرتىپتە بولىدىكەن.
ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.