ئۇكرائىنادا 231 كىچىك بالا جنېىدىن ئايرىلغان

ئۇكرائىنادا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 231 كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى، 427 كىچىك بالا يارىلاندى.

1829221
ئۇكرائىنادا 231 كىچىك بالا جنېىدىن ئايرىلغان
ukrayna rusya'nin kaybi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان كىچىك بالىلارنىڭ سانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان 231 كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 427 كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانلىرىدا 1828 مەكتەپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 171 مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر