ئىراندىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدە 4 ئادەم ئۆلدى
ئىراننىڭ ئىيلام شەھىرىدە مۇستازافلار فوندىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدە 4 ئادەم قازا قىلدى، 5 ئادەم يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيلام شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېرزاد ياسېمى، تاسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «مۇستازافلار فوندى جەمئىيىتىدە، ئىلگىرى ئاشۇ فوندى جەمئىيەتتە ئىشلىگەن ۋە ئىشتىن بوشىتىلغان بىر كىشى، ئەتىگەن تەرەپلەردە فوند جەمئىيەتنىڭ خىزمەتچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. زوراۋان ئوق چىقىرىپ، 3 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 5 ئادەمنى يارىلاندۇردى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.»
ئىگىلىنىشىچە، ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ئەلى ھامېنىيغا قاراشلىق مۇستازافلار فوندى جەمئىيىتى، ئۆي-مۈلۈك، بانكىچىلىق ۋە سۇغۇرتا قاتارلىق سودا ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.