ئىران ئەتكەس نېفت ئېلىپ ماڭغان بىر پاراخوتنى مۇسادىرە قىلدى

ئىراننىڭ باسرا قولتۇقىدا ئەتكەس نېفت ئېلىپ ماڭغان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1828660
ئىران ئەتكەس نېفت ئېلىپ ماڭغان بىر پاراخوتنى مۇسادىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ھورمۇزگان ئۆلكىسى ئەدلىيە باشلىقى مۇجتابا قاھرامانى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىنىڭ باسرا قولتۇقىدا 550 مىڭ لىتىر ئەتكەس يېقىلغۇ توشۇغان چەتئەل پاراخوتىنى بايقىغانلىقىنى ۋە پاراخوتنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قاھرامانى پاراخوتتىكى 7 خادىمىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، «چەتئەل پاراخوتىنىڭ باسرا قولتۇقىدا نەچچە مىڭ لېتىر قانۇنسىز يېقىلغۇ توشۇۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى. دېڭىز ئارمىيەسى تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتكەس يېقىلغۇ قاچىلانغان پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى» دېدى.

قاھرامانىنىڭ ئىراندىن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇلغان 550 مىڭ لېتىر قانۇنسىز يېقىلغۇ  بىلەن پاراخوتنىڭ ھورمۇزگان پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر