جەنۇبىي كورېيەنىڭ  پىرېزىدېنتلىق سارىيى 74 يىلدىن كېيىن خەلققە ئېچىۋېتىلدى

جەنۇبىي كورېيەدە  پىرېزىدېنتنىڭ رەسمىي تۇرالغۇسى بولغان كۆك ساراي 74 يىلدىن كېيىن ئاممىغا ئېچىۋېتىلىشى بىلەن مىڭلىغان كىشى زىيارەت قىلدى.

1828786
جەنۇبىي كورېيەنىڭ  پىرېزىدېنتلىق سارىيى 74 يىلدىن كېيىن خەلققە ئېچىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى پىرېزىدېنت يون سۇكولنىڭ تۇنجى ئىشلىرىدىن بىرسى كۆك سارايدىكى پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىلىرىنى يۆتكەپ كۆك ساراينى ئاممىغا ئېچىۋېتىش بولدى.

ساراينى كۈنىگە تەخمىنەن 39 مىڭ كىشى زىيارەت قىلماقتا.

پىرېزىدېنت يون سۇكولنىڭ سايلام ۋەدىسىدىن بىرى بولغان «كۆك ساراينى ئاممىغا ئېچىۋېتىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ئىشخانىلىرى تەخمىنەن 5 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۇرالغۇسىغا يۆتكەلدى.

يون سۇكول ئامېرىكادىكى ئاقسارايغا ئوخشاش يېڭى بىر ساراي سېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى ئىشخانىلارنىڭ خەلققە تېخىمۇ ياخشى ئالاقە پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يون سۇكولنىڭ ساراينى كۆچۈرۈش پىلانى «ئالدىراش بولدى ۋە ئەمەلىيەتكە ماس كەلمىدى» دېگەندەك تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى.

كۆك ساراي يون سۇكول ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۈنجى كۈنى، يەنى  10- مايدا خەلققە ئېچىۋېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر