فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتلىرى رۇسىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئېلان قىلىندى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسپانىيەنىڭ رۇسىيەدىكى 27 دىپلوماتى ۋە فىرانسىيەنىڭ 34 دىپلوماتىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1829074
فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيەنىڭ دىپلوماتلىرى رۇسىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسپانىيەنىڭ 27 دىپلوماتىنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسپانىيەنىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى ماركوس گومېز مارتىنېزنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلىپ، مادرىد ھۆكۈمىتىنىڭ 27 رۇسىيە دىپلوماتىنى قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئېلان قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوستانە بولمىغان بۇ قەدەمنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە زىيان سالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «بۇنىڭغا جاۋابەن، ئىسپانىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ۋە سائىنت پېتېرسبۇرگدىكى كونسۇلخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان 27 دىپلومات قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ كىشىلەر توغرىسىدىكى قارار ئەلچىخانىلارغا ئۇقتۇرۇلغاندىن تارتىپ يەتتە كۈن ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېيىلدى.

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بۇ بىز كۈتۈۋاتقان قارار ئىدى. رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى چىقارغان ۋاقتىمىزدا، بۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم» دېدى.

رۇسىيە فىرانسىيەنىڭ 34 دىپلوماتىنىمۇ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى پىيېز لىۋىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلىپ، رۇسىيەنىڭ فىرانسىيەدىكى 41 دىپلوماتىنىڭ توغرا بولمىغان قارار بىلەن «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر» ئېلان قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «بۇ قارارغا جاۋابەن، رۇسىيەدىكى فىرانسىيە ئەلچىخانىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 34 دىپلومات <قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر> ئېلان قىلىندى. بۇ كىشىلەر توغرىسىدىكى قارار ئەلچىخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېيىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر