بىرازىلىيەدە ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى ئېلېكتىر لىنىيەسىگە ئېغىر زىيان سالدى
بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدا ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى سەۋەبىدىن 182 مىڭ ئائىلىدە توك ئۈزۈلۈپ قالدى.
1828699
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسسىق بەلۋاغ بورىنى «Yakecan» بىرازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى رىئو گراندې دو سۇل ئۆلكىسىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
بوراننىڭ تەسىرىدە قومۇرۇلۇپ كەتكەن دەرەخلەر ۋە ھەجىمى چوڭ نەرسىلەر ئېلېكتر ئىستولبىلىرىنى ئۆرۈپ تاشلىدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بوراننىڭ ئېلېكتىر لىنىيەسىگە سالغان بۇزغۇنچىلىقىدىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا 182 مىڭ ئۆينىڭ توكى ئۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ ئەتە ئەتىگەنگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ناتو باشلىقلار يىغىنىدا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى مۇھىم قارارلار چىقىرىلىدۇ
ناتو باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ رەسىمگە چۈشتى.