ياپونىيە ئۇكرائىنا بىلەن كىرېدىت كېلىشىمى تۈزدى

ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىقتىسادىي كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن كىيېۋنى 13 مىليارد يېنلىك (100 مىليون دوللارلىق) كىرېدىت بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

1828036
ياپونىيە ئۇكرائىنا بىلەن كىرېدىت كېلىشىمى تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى، رۇسىيە 24 – ئاپرېلدىن بۇيان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇكرائىناغا ئىزچىل ئىقتىسادىي ياردەم  قىلماقتا.

ياپونىيە خەلقئارا ھەمكارلىق ئورگىنىنىڭ باشلىقى تاناكا ئاكىھىكو بىلەن ئۇكرائىنا مالىيە مىنىستىرى سېرگى مارچېنكو، توردا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، ياپونىيەنىڭ  ئۇكرائىنانى 13 مىليارد يېنلىك كىرېدىت بىلەن تەمىنلىشى توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالاندى.

تاناكا، كۆرۈشۈشتە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەنى «خەلقئارا تەرتىپ مۇشۇ ئەسىردە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ دۇئېل ئېلان قىلىش» دەپ ئاتىدى.

كېلىشىم تۈپەيلى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن مارچېنكو بولسا، كۆپ ساندا ئۇكرائىنالىقنىڭ پەقەت دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر