ئوربان قايتىدىن باش مىنىستىر بولدى

ۋېنگىرىيە پۇقرالار ئىتتىپاقى (Fidesz) نىڭ رەئىسى ۋىكتور ئوربان دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا قايتىدىن باش مىنىستىر بولۇپ سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

1827934
ئوربان قايتىدىن باش مىنىستىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 199 ئورۇندۇقلۇق دۆلەت مەجلىسىدە مەخپىي ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا، ۋىكتور ئوربان، 133 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قولاپ ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشتى. 27 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.

دېموكراتلار بىرلەشمىسى بىلەن جوببىك بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىدى.

باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان ۋېنگىرىيە پۇقرالار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ۋىتور ئوربان، ئاۋاز بېرىش تاماملانغاندىن كېيىن، قەسەم ئىچىپ، رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

ئۇ، شۇنىڭ بىلەن، 1998 -، 2010 -، 2014 – ۋە 2018 – يىللاردىن كېيىن، بەشىنچى قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغان بولدى.

دۆلەتتە 3 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملدا، ھاكىمىيەت بېرىشىدىكى  ۋېنگىرىيە پۇقرالار ئىتتىپاقى بىلەن KDNP  ئىتتىپاقى % 54 ئاۋاز بىلەن 135 ئورۇندۇققا ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر