ئىراقتا قۇم بورىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ بالنېستقا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتتى

ئىراققا تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بېرى تەسىر كۆرسىتىشنى باشلىغان قۇم بورىنى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتتى.

1827963
ئىراقتا قۇم بورىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ بالنېستقا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قۇم بورىنى سەۋەبىدىن مەملىكەت مىقياسىدا 4000 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ۋە ھەممىسىنىڭ زۆرۈر بولغان داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باغدادتا بىر قىسىم رايونلاردا كۆرۈش مۇساپىسىنىڭ 300 مېتىردىن تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان قۇم بورىنى سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى توختىتىلدى.

نەجاف ۋە سۇلايمانىيە ئايرودورۇملىرىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

قۇم بورىنى باسراغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئايرودرومدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار توختىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر