ناتو: تۈركىيە قىممەتلىك ئىتتىپاقداش دۆلەت

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ قىممەتلىك ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1827912
ناتو: تۈركىيە قىممەتلىك ئىتتىپاقداش دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، تېلېفون سۆھبىتىدە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش قارارلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە قىممەتلىك ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشى مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى كېرەك. مۇشۇنداق تارىخىي پەيتتە بىللە بولۇش ئىنتايىن زۆرۈر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر