خىتاي: فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئامىللارنى قوشىدۇ

خىتاي فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئامىللارنى قوشىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

1827987
خىتاي: فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئامىللارنى قوشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ «ياۋروپا دۆلەتلىرى بىخەتەرلىكىنىڭ ئايرىلماسلىقى» پىرىنسىپىدا، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك ۋە سىجىللىققا ئىگە رايون بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى دىيالوگ ھەمدە سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۆزئارا يوللۇق بىخەتەرلىك قايغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ فىنلاندىيە بىلەن خىتاينىڭ دوست ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ناتوغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەبىئىي ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى ئامىللارنى قوشىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە ھەقىقىي بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئورتاق، ئەتراپلىق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىققا تايانغان، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىخەتەرلىك تەسەۋۋۇرىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خىتاي باياناتچىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، ناتونىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىشىنىڭ رۇسىيەگە قارىتا پەيدا قىلغان تەھدىتنىڭ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىخەتەرلىكنىڭ ئايرىلماسلىقى» پىرىنسىپىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى مىللەتچىلىك ئېقىمىدىكى يەر شارى ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا، «ناتونىڭ شىمالغا كېڭىيىشى ياۋروپاغا يېڭى پارتلاش ئالدىدىكى بومبىغا ئايلىنىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر