ئامېرىكادا چېركاۋغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا بىر چېركاۋغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 1 كىشى قازا قىلىپ، 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1827278
ئامېرىكادا چېركاۋغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر چېركاۋغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار ھۇجۇمدا 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يارىلانغان 4 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۆلەتلىك ساقچى دائىرىلىرى لاگۇنا ۋودس شەھىرىدىكى چېركاۋ ھۇجۇمىغا چېتىشلىق 1 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر