شىۋېتسىيە: پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې دۆلىتىنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1827062
شىۋېتسىيە: پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىندې جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتى ھەققىدە توختىلىپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا، بىزمۇ پ ك ك نىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

«ئافتونبلاد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىندې ئوتتۇرىلىقتا بىر ئۇقۇشماسلىقنىڭ بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىزنىڭ پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايدىغانلىقىمىز توغرا ئەمەس. ئەگەر ئاشۇنداق بىر قاراش شەكىللىنىپ قالغان بولسا، بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىمىز» دېگەن.

فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا خاۋىستومۇ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىنلاندىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختىلىپ: «ناتو ئەزالىقى مەسىلسىىدە تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرىمىزنى ئىختىلاپنى يېڭىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

خاۋىستو «ئافتونبلاد گېزىتى»گە بەرگەن باياناتىدىمۇ دۆلىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش جەريانى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «: «بىز نۆۋەتتە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىمىز ئىجابىي ئەمەس. ئىلگىرى، بىزدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر گىرېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە خاتا قىلدى. گىرېتسىيەنىڭ ناتونى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەىسى سىلەرگىمۇ ئايان. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جەھەتتە ئىككىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىشنى خالىمايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى، ئەپسۇسكى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئوخشاپ قالدى. پ ك ك، د ھ ك پ ج قاتارلىقلار شىۋېتسىيەگە، گوللاندىيەگە ئۇۋا سالدى. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولسام، ئۇلار مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ بۇ ئىشقا ئىجابىي قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر