ئاقساراي: شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچىدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1826879
ئاقساراي: شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پساكى، ئاقسارايدا  كۈندىلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. دەرۋەقە، ناتوغا ئەزا كۆپلىگەن دۆلەتلەر، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچىنى قوللىماقتا. بۇ ھەقتە تۈركىيە ۋە ئەنقەرە تەيىنلىگەن ۋەكىللەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بىز نۆۋەتتە شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ ھەقتە ئىجابىي قاراشتا ئەمەسمىز. ئىلگىرى، بىزدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە خاتا قىلدى. گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى دەستەك قىلىپ، تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەىسى سىلەرگىمۇ ئايان. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جەھەتتە ئىككىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىشنى خالىمايمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى گويا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئوخشايدۇ. PKK مۇ، DHKPC مۇ ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا، شۇڭا، بىزنىڭ فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچىغا ئىجابىي قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر